باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى تېررورىزمنى قوللايدۇ، دەپ قاراپ چەكلىدى

2017.08.08 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى 6– ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھۆكۈمەت قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدە تەسىس قىلغان ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىشنى، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، يەرلىك سىملىق تېلېۋىزىيە ۋە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىدىن بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىگنالىنى تارقاتماسلىقنى تەلەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

  يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى چەكلەشنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىزاھاتىدىكى سەۋەبى: بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورىزمنى قوللايدۇ ھەمدە مۇقەددەس تاغ مەسىلىسىدە «ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى» دەپ چۈشەندۈردى.

  يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە قانۇنىي ھەركەت قوللىنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر