باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسىنى كۆردى

2017.08.08 11:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۈروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ ئىچكى موڭغۇل كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ،« ئىتتپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ يۈرتىمىزنى بىرلىشىپ قوغدايلى ــ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسى»نى كۆردى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا بولغان غەمخورلۇقى مۇقەددىمە قىلىنىپ، جەمئي 5 بۆلەككە بۆلۈندى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا يايلاق پەرزەنتلىرىنىڭ بىرلىشپ، ئىتتپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئېكولوگيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  7-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل شىنچېڭ مېھمانخانىسىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايوندىكى دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان پىشقەدەم يولداشلار ۋە ھەرمىللەت ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى، ئۇلار بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر