باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش كۈز كىرسىمۇ ھاۋا يەنىلا ياز پېتى تۇرماقتا

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئۇدا ئۈچ كۈن ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولغۇسى

2017.08.08 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاۋغۇست، باش كۈز كۈنى يېتىپ كەلدى، ھاۋا سالقىن بولۇپ، كۈز كىلىشتىن دېرەك بەرگۈسى. لېكىن، گەرچە باش كۈز كىرگەن بولسىمۇ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، شىنجاڭنىڭ زور كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا يەنىلا ناھايىتى ئىسسىق بولىدىكەن . ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋارايى ئىستانسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 7- ئاۋغۇستتىن 9- ئاۋغۇستقىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقى، قومۇل ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 ℃تىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 6- ئاۋغۇست سائەت 16گىچە يۇقىرى تېمپراتۇرا ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى.

  بۇ ھەپتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا رايىدا يەنىلا ئۈچ كۈن ئىسسىش بولۇپلا ئارقىدىن يامغۇر يېغىش باشلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 7- ئاۋغۇستتىن 11- ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئاستا ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 ℃قا يېتىدۇ. لېكىن، 12- ئاۋغۇستتىن 13- ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قارا يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.

   كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر