باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن« قەسىدە» ناملىق كېچىلىكنى كۆردى

2017.08.08 11:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن كەچتە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانچات چوڭ تىياتىرخانىسىدا ناخشا ئۇسۇل ئەۋجىگە چىقىپ، شادلىق ساداسى ياڭرىدى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «قەسىدە» ناملىق ئەدەبىياد سەنئەت كېچىلىكى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ ۋە ھەرمىللەت ھەر ساھەدىكى كادىر ئاممىدىن بولۇپ جەمئىي 1300چە كىشى ئويۈن كۆردى.

  كېچىلىك شئېرى دىكلىماتسىيە قىلىش ۋە « بۇ مېنىڭ يۈرتۇم» دېگەن ناخشا ئۇسۇل بىلەن باشلاندى، كېچىلىك «شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قوياش»،« گۈزەل شىمالىي چېگرا»،« بىرلىشىپ يۇرتنى قوغداش» دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياد، شانلىق نەتىجىلەر مەدھىيلەندى. پارتىيەنىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى تولۇق نامايەن قىلىندى، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق ئارزۇسى ئىپادىلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر