باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دىلوسىنى تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، تىرامپ خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدىمۇ؟

2017.08.08 11:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دىلوسىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارى روبېرت. مىللېر ۋاشىنگىتوندا قوشما شىتات زاستاتېللار چوڭ ئۆمىكى تەشكىللىگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دىلوسىنىڭ تېز تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى ھەمدە مۇھىم نۇقتىسىنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ يادرولۇق چەمبىرىكىگە قارىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  ئامېرىكا قوشما شىتات سايلام رىقابىتى قانۇنىدا: سايلام رىقابىتىدە چەتئەل مەبلىغى، سىياسىي مەبلەغ ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى قىممىتى بار بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىش مەنئىي قىلىنغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مىللېرنىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەكشۈرۈش يۆنىلىشى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تىرامپ سېپىنىڭ ئالاقىدار ئەربابى رۇسىيەدىن دىموكراتلار پارتىيىسى نامزاتى ھىلارىنىڭ قارا ماتىرىيالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا تىرامپنىڭ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن خەۋىرى بار يوقلۇقى ئىكەن.

  رېتېر ئاگېنتلىقى ئىككى خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: زاستاتېللار ئۆمىكى تىرامپنىڭ چوڭ ئوغلى كىچىك تىرامپ، كۈيئوغلى كۇشنېر شۇنداقلا رۇسىيەلىك ئادۋۇكات ۋېيسېلىنىز كايانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنى چاقىرتقان.

  چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى ئادەتتىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يېپىق ھالەتتە خىزمەت قىلىدۇ. تەپتىش ئەمەلدارى توپلىغان پاكىتلارنىڭ جىنايى ئىشلار شىكايىتى قىلىشقا يىتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەمما چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى ئەيىپلەنگۈچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقارمايدۇ.

  ئامېرىكا قوشما شىتات ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتقا چىققان ئادۋۇكاتى جاڭ جۇن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر مىللېرنىڭ چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى تەشكىللىگەنلىك خەۋىرى راست بولسا، بۇنى رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دېلوسىنى تەكشۈرۈشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە دىيىشكە بولىدۇ.

  كىچىك تىرامپنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئادۋۇكاتى بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دىلوسىدىكى مۇھىم پاكىت دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەمما مىللېر بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنىڭ بىردىن بىر بۆسۈش ئېغىزى قىلمىغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىللېرنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ھازىر تىرامپ بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا ئالاقىسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن. ئۇ بۇ نۇقتا ئارقىلىق، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ سايلىمىغا ئارىلاشقان- ئارىلاشمىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇجىمەل مەسىلە ئۈستىدە توختاپ قالماستىن، بەلكى تەكشۈرۈشكە پۇختا يول ئاچماقچى بولغان.

  ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا تىرامپنىڭ ئۆي-زىمىن سودىسى ۋە پۇل مۇئامىلە سودىسى ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا قوشما شىتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئەدىلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دېققەت قىلىدىغان ئوبىيكتى بولۇپ كەلدى. يېقىندا تىرامپ «نيۇ-يورىك ۋاقت گېزىتى»گە ئۆزىنىڭ سودىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىلەر تەگسە بولمايدىغان قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  تىرامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن مىللېرغا تەكشۈرۈشنىڭ چوڭ سايلام بىلەنلا چەكلىنىشى، ئەگەر تەكشۈرۈش دائىرىسى بەك كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن. ئەمما ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۇنىڭغا ئۇ ئۇچرىغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەرگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى تىرامپنى مىللېرنى ئىشتىن بوشاتماسلىق توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. چۈنكى ئۇ بىر مەيدان سىياسىي ئاپەت ئېلىپ كېلىدىكەن.

  زۇڭتۇڭنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رودېس.روسېنىستىنغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭغا مىللېرنى ئىشتىن توخىتىشقا مەجبۇرلاپتۇ دېگەن سۆزلەرگە قارىتا، تىرامپنىڭ يەنە بىر ئادۋۇكاتى جاي.سىكۇلو چۈشەندۈرۈش بېرىپ، زۇڭتۇڭنىڭ مىللېرنى ئىشتىن بوشىتىش ئويى يوق، جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن ئۇ گەپلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى.

  گەرچە مىللېرنىڭ چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى تەشكىللىگەنلىك خەۋىرى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باھا بېرىپ: مىللېرنىڭ چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى تەشكىللىگەنلىكى مۆلچەردىكى ئىش بولۇپ، ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان ئاتالمىش يېڭى خەۋەرلەر پەقەت ئەسلىدە بار بولغان ئەمەلىيەتنى تەكرار بايان قىلغانلىق خالاس، دەپ قارىدى.

  يەنە بەزى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مىللېرنىڭ چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى تەشكىللەپ، تەكشۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقانلىقىغا خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكىنىڭ شىكايەت قىلىش مۇساپىسى ئادەتتە مەخپىي بولىدۇ. شۇڭا ئاشكارىلانغان ئىچكى خەۋەر كۆپ بولمايدۇ. ئەمما، ئىسپات بېرىش چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ھۆججەت كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان گۇۋاھچىلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇلار تاراتقۇلارغا ئەركىن خەۋەر بەرسە بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، بەلكىم بىرسى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا، مۇخبىر بىلەن ئالاقىلاشقان، بۇنىڭ بىلەن ئاتالمىش «تاساددىپى خەۋەر» پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

  دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى چوقۇم جىنايى ئىشلار شىكايىتى قىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جاڭ جۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكى بولسىلا بىرەر كىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قالماسلىق كېرەك، بۇ ئىككىسى ئارىسىغا دەرھاللا تەڭداش بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ.

  بۇ مۇرەككەپ دىلودا، تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئەيىپلەشلەرنى تەكشۈرۈش، گۇۋاھچىلارنى چاقىرتىش، ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقىش ھەمدە گۇۋاھچىلارنى سوت نەق مەيدانىغا چاقىرىپ كېلىشكە ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا چوڭ زاستاتېللار ئۆمىكىنىڭ خىزمىتى بىر قانچە ئاي داۋاملىششى مۇمكىن. سىرتتىكىلەر تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ كېلەر يىلىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر