باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە

2017.08.08 11:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 5-ئاۋغۇست فىلىپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلدى. 6-ئاۋغۇست كەچتە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي ئىلگىرلەشلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايوندا ئوينىغان مۇھىم رولىنى ماختىدى. بولۇپمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىدىكى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا بولغان يۈكسەك ئۇمىدىنى ئىپادىلىدى.

  40 نەچچە بەتلىك بۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىرلەشمە باياناتى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىدە كۆپرەك توختالدى.

  باياناتتا جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايوندا ئوينىغان مۇھىم رولى ماختالدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جوڭگو بىلەن كەلگۈسدە تېخىمۇ كۆپ يۇقۇرى قاتلاملىق سۆزلىشىىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش سەۋىيىسىنى داۋاملىق يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى كۈتمەكتە.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 2018-يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقنىڭ 15 يىللىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2018-يىلىنى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭىلىق يارىتىش يىلى قىلىپ بېكىتىشنى كۈتمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى 2030-يىللىق كەلگۈسى پىلانى»نى بېكىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇيۇك پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈشنى كۈتمەكتە. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يەنە جۇڭگو بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىك، ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورتى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مۇھىت ئاسراش جەھەتلەردە ھەمكارلىششىنى كۈتمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ باياناتتا بىلدۈرگەن ئىپادىسى 6-ئاۋغۇست جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنسىتىرى ۋاڭ يىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلغان «جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش يېڭى پۇرسىتىگە ئىگە بولدى»،«جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى» دېگەن ئىجابىي باھاسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، ئەنئەنىۋىي دوستلۇقى چوڭقۇر. ئۆتكەن 50 يىلدا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپلىك سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. ھازىر جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ بىر بەلۋاغ، بىر يول تەشەببۇسى بىلەن تۇتۇشۇپ، بىر گەۋدىلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

  خەۋەردار ئەرباپنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، باياناتتا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرۈلگەنلىكى بىر يىلدىن بۇيان مەزكۇر رايوندا پائال ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئوبىكتىپ ئىنكاسى شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى ئىكەن.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىرلەشمە باياناتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا چېتىلغان مەزمۇنىنىڭ مىقدارى ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا سەل قىسقارغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر يىلدىن بۇيانقى جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەر تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىنغان.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: يىغىنغا قاتناشقان شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنى تېنچلىق دېڭىزى، مۇقىملىق دېڭىزى ۋە گۈللەنگەن دېڭىز قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق دېگەننى ئورتاق تونۇپ يەتتى. شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يەنە جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى رامكىسىنىڭ ھاسىل قىلغانلىقىنى قىزغىن قارىشى ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر