باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما خۇاتېڭنىڭ شەخسىي بايلىقى 36 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ما يۈننىڭ بايلىقىدىن ئېشىپ، جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلاندى

2017.08.08 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ «پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى» ناملىق قول ئويۇنى تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ پاي باھاسى بىر مەھەل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئىدى، بىراق ئارقىدىنلا داۋاملىق ئۆرلىگەن. تۈنۈگۈن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، 320.60 شياڭگاڭ دوللىرىغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن %3 ئۆرلىگەن، بۇنىڭ بىلەن، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى ئۈچ ترىليون 45 مىليار 560 مىڭ شياڭگاڭ دوللىرىغا يەتكەن، ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگودىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان پاي بازىرىغا ئايلانغان. فوربېس بايلار تىزىملىكىنىڭ رېئال ۋاقىتلىق كۆرسىتىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ما خۇاتېڭنىڭ شەخسىي بايلىقى 36 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىگەن بولۇپ،مەزكۇر تىزىملىكتە دۇنيا بويىچە 18- ئورۇندا تۇرۇپ، ما يۈن ۋە ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بايلىقىدىنمۇ ئېشىپ، جۇڭگودىكى بىرىنچى بايغا ئايلاندى.

  تېڭشۈن شىركىتىنىڭ پاي باھاسى تۈنۈگۈن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، 320.60 شياڭگاڭ دوللىرىغا يىتىپ، ئالدىنقى بىر كۈنىدىكىدىن %3 ئۆرلىگەن، شۇنىڭ بىلەن، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى ئۈچ ترىليون 45 مىليار 560 مىڭ شياڭگاڭ دوللىرىغا يېتىپ، جۇڭگودىكى پاي بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىچىدىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان شىركەت بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر