باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونىدىكى كوماندىر، جەڭچىلەردىن، قوراللىق ساقچى ئىچكى موڭغۇل باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەردىن ھال سورىدى

2017.08.08 11:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۈروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ، ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغۇل باش ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغۇل ئورمانچىلىق باش ئەترىتىگە بېرىپ ھال سورىدى ھەمدە ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي قانۇن كادىر ساقچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى قىسىملىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغول باش ئەترىتى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغۇك ئورمانچىلىق باش ئەترىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىنى نۇرلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ،، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى كۈچەيتىش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئارقىلىق ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى كۈچەيتىش، قانۇن ئارقىلىق ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياد، مۇقىملىق ئىشلىرى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر