باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشىيەن خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشىيەن توغرىسىدىكى يېڭى قارارىغا ئومۇمىيۇزلۇك قارشى تۇردى

2017.08.08 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشىيەن ھۆكۈمىتى 7-ئاۋغۇست بايانات ئىلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشىيەنگە قاراتا ماقۇللىغان يېڭى قارارىغا ئومۇمىيۇزلۇك قارشى تۇرۇپ، بۇ قارار چاۋشىيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، چاۋشىيەننىڭ دۆلەتنىڭ يادرۇ قۇراللىرىنى كۈچەيتىش يولىدا قەتئىي ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا چاۋشىيەننىڭ قىتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان تىرىياكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلىشىنى دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھىدىت يەتكۈزدى دېگەننى بانا قىلىپ، چاۋشىيەننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2371- نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللىدى. بۇ قارار، ئامېرىكىنىڭ چاۋشىيەننى قەستەن يىتىم قالدۇرۇش ۋە ئالدىنى توسۇشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، چاۋشىيەننىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا قوپاللىق بىلەن دەخلى يەتكۈزگەنلىك ۋە چاۋشىيەنگە يۈزتۇرانە ئېغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، چاۋشىيەن بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە ئومۇمىيۈزلۈك قارشى تۇرىدۇ.

  باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ چاۋشىيەنگە قارشى سىياسىتى ۋە تەھىدىتى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا، چاۋشىيەن ئۆزىنى قوغداش خارەكتىرىدىكى يادرو كۈچىنى چەكلەش سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلمەيدۇ، دۆلەتنىڭ يادرو قۇراللىرىنى كۈچەيتىش يولىدىن قىلچىمۇ ئارقىغا چېكىنمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر