باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز مۇقىم ئېشىپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇدى

2017.08.08 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىساد ئۇدا 24 يىل ئىككى خانلىق سان بويىچە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈستىدە يەنە خۇش خەۋەرلەر تارقالدى، تۈرلۈك ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشتى؛ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ قول ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %10 ۋە %13.9 ئاشتى؛ يەرلىك مالىيە كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.5 ئاشتى.

  يېقىندا، شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادى يۈرگۈزۈلمە ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «تۈرلۈك ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش دەرىجىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ، شىزاڭ تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «تەرەققىيات شىزاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئاچقۇچ» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىقتىساد خىزمىتىدىكى ئاساسلىق لىنىيە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي يۈرگۈزۈلمىسىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش داۋامىدا ياخشىلاش، ياخشىلاش داۋامىدا ئەلالاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەمەلىيلەشكەن مەركەز ياردەم مەبلىغى 50 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىن 238ى يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 200 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي ئىستېمال ھەتتا ساياھەت بازىرىنىڭ گۈللىنىشىگە بىۋاسىتە ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىزاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 117 بازار سۇبيېكتى تىزىمغا ئېلىنىپ بارلىققا كەلدى، بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ھاياتى كۈچى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىدىكىنمۇ كۈچلۈك بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر