باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى–سانجى-شىخەنزە رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلىشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

2017.08.08 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى شىمالىي جىلغا 1-كەنتىدىكى 67 ياشلىق جياڭ دېلوڭ ئىشىك ئالدىغا ياتقۇزۇلغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىغا قاراپ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى قىشتا، بىز ئۆزىمىز مەش قويۇپ كۆمۈر قالاپ ئىسسىناتتۇق، مېنىڭ بۇ 276 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيۈمگە ھەر يىلى 18 توننا كۆمۈر كېتەتتى، كۆمۈر قالاشتا جاپا تارتىپلا قالماي، پۇلمۇ جىق كېتەتتى».

  نۆۋەتتە، سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى شىمالىي جىلغا 1-كەنتىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان پۇقرالار ئىشلىتىدىغان كۆمۈر يېقىلغۇلىق ئائىلىۋى كىچىك پار قازانلىرىنى سۆكۈش قۇرۇلۇشى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «ئاتموسفېرانى ياخشىلاش»تىكى ئەمەلىي تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە رايونلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش تەدبىر تۈزۈپ، بىر تۇتاش ئۆلچەم قويۇپ، بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، ئوتۇنكوزا (ۋۇجياچۈ) رايونلىرىنىڭ مۇھىتىدە بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تەلىپى ۋە مۇھىت ئاسراش تەۋەلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دەي جىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەيدىغان 27 نۇقتىلىق تۈرنى پىلانلاپ يولغا قويىدىغان بولۇپ، «كۆمۈرنى تىزگىنلەش»، «چاڭ-توزاننى كونترول قىلىش»، «بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش»، «ئاپتوموبىللارنى كونترول قىلىش»، «بىرلەشمە كونترول قىلىش» بەش جەھەتتىن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەھەر-يېزا تۇتاشقان جايلاردىكى كۆمۈر يېقىلغۇلىق كىچىك پار قازانلىرىنى چۇۋۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە قارىتا، «كۆمۈر قالاپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، پىلان بويىچە كۆمۈر قالايدىغان 30 مىڭ پار قازاننى چۇۋۇپ ئۆزگەرتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر