باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە سۇنغان ئىبلىس قولىنى ئۈزۈل–كېسىل كېسىپ تاشلايمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەقسەت

2017.08.08 16:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئىبلىس قولىنى سۇندى، ئۇلار ھەرقانداق ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىپ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، قۇترىتىپ، قايمۇقتۇرغاچقا، ئاز ساندىكى ياشلار ئالدىنىپ، خاتا يولغا كىرىپ قېلىپ، خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان، ھەققانىيەت بىلەن قارشىلىشىدىغان جىنايەت يولىدا ماڭدى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندى. ئىدىيەسى بۇرمىلانغان، جىنايەت پاتقىقىغا پېتىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ ياشلار – ئۆسمۈرنى قانداق قىلغاندا قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى.

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھازىرقى شىنجاڭ ياشلىرىغا ھەققانىيەت ساداسى، ياشلىق ساداسى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ساداسىنى ياڭرىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە ئوت ئېچىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  بىرىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر كادىر بىلەن بىرلىكتە 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ‹‹ئۇيغۇر ياشلىرىغا بەش سوئال›› دېگەن ماقالىنى يازغانىدۇق، بۇنىڭدا بىرىنچى سوئال، بىزگە نېمە ئۈچۈن ‹‹تېررورچى›› دېگەن قالپاق كىيىلىپ قالدى؟؛ ئىككىنچى سوئال، ۋەتەن دېگەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟؛ ئۈچىنچى سوئال، بىز دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتتۇقمۇ؟؛ تۆتىنچى سوئال، دۆلەت تىلىنى ئۆگەنمەسلىككە قانداق باھانىمىز بار؟؛ بەشىنچى سوئال، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنى بىزگە كىم ئاتا قىلدى؟ دېگەن سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بەرگەنىدۇق. بۇ بەش سوئالدىكى ھەر بىر خەت كۆڭۈلدىن چىققان، ھەر بىر جۈملە ئىنتايىن سەمىمىي بولۇپ، ھەر بىر سوئالدا مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  ئىككىنچى، مەركەزلىك ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىلدى. ‹‹بەش سوئال›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلدى. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، توردا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، ‹‹4 – ماي›› ياشلار مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر، ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى، داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدىكى دوكتورلار، ماگىستىرلار، ئالىي مەكتەپلەردىكى ياش ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەدىكى ئۇيغۇر ياشلار بەس – بەستە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە قوش تىلدا يېزىلغان 40 پارچىدىن ئارتۇق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەزمۇنىدىكى ماقالە شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا ئېلان قىلىندى، تەخمىنەن 1 مىليون 800 مىڭ تور ئەھلى(قېتىم) بۇ مەزمۇنلارنى كۆردى، ھەر بىر ماقالىگە نۇرغۇن باھا سۆزى يېزىپ، سۆز قالدۇرۇپ، قوللاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە مۇستەھكەم مەيدانىنى تولۇق نامايان قىلدى!

  ئۈچىنچى، ھەممە يەردە لېكسىيە سۆزلەش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلگەن ماقالىلەرنى ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئوقۇشىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئورگاندىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلارنى باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلىدۇق. ھازىرغا قەدەر تايانچ تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن 29 قارار ئېچىپ، 1521 ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسىنى تەربىيەلەپ، 5930 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدۇق، 42 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى 4796 كەنت (مەھەللە) ۋە 390 ئوتتۇرا مەكتەپ، 145 كارخانىدا لېكسىيە سۆزلىدۇق، جەمئىي 2 مىليون 640 مىڭ ئادەم لېكسىيەنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە، مەن يېزا، مەھەللە، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، 22 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدىم، لېكسىيەنى ئىتتىپاق ئەزاسى، ياشلاردىن 15 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئاڭلىدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنى بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئەڭ قەتئىي كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرىمىز ۋە يېتەكلەيمىز. بىرىنچى، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ھەممە يەردە ئېلىپ بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش جەڭنامىسىنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىپ، ھەر بىر ياشنى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، باش نىشاننى ئۆگىنىش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەيمىز. ئىككىنچى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنى يەنە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق ماقالىلەرنى يېزىشقا داۋاملىق تەشكىللەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ياشلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <بىرىكمە مۇشت>نى ياخشى ئېتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش›› توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك ياشلىق ساداسى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمىز! ئۈچىنچى، ياچېيكىنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاق ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىپ، ھەر بىر ئىتتىپاق ئەزاسىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەشكىللەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك ياشلىق ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر