باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹سۆز››نىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايلى

2017.08.08 17:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ سۆزلەنگەن، ئۇنىڭدا يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن، بۇ ‹‹مۇھىم سۆز›› ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ 26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر شەرھلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىزدە ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <26–ئىيۇل>دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر›› بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتلىرى ۋە ھېس–تۇيغۇلىرى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ‹‹مۇھىم سۆز››نىڭ روھىغا بولغان چۈشىنىشى ھەم تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر(1)

  ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش نىشانغا يېتىشكە تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئىرادە باغلىدى.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان كەسكىن جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز

  جاڭ شيۇچېڭ (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى): باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى، ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەندى، شۇنداقلا بۇ ‹‹مۇھىم سۆز›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى يېتەكچى قوللانمىغا ئىگە قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي–قانۇن ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتى.

  لېكىن، ھازىر شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تارىخ ۋە رېئاللىق، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ، كاللىمىزنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ھازىرقى پايدىلىق پۇرسەتلەردىن چىڭ تۇتۇپ پايدىلىنىپ، تۈپ، ئاساس خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان كەسكىن جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرەيلى

  جۇ شيەنچېن (ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى): باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن.

  بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، بىز تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلالىدۇق.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشىنى تولۇق چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، باي – قۇدرەتلىك، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى. ئەمەلىيەت پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوقۇم ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىگىلەپ، ھەر يەرنىڭ شەرت – شارائىتىغا، ۋاقىت–شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

  تۇرسۇن ساۋۇر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى): باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى مول، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ‹‹سۆز››نىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش نىشان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە بولغان ئىشەنچنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىدى. ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان قانۇنشۇناس، پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەيدانىمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچىمنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن. ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، شۇنداقلا تەشۋىقات خىزمىتىدىكى ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى قەتئىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن باش نىشانغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

  (مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن رەتلىگەن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر