باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەش ئاپىتىدە توققۇز كىشى قازا قىلدى، 164 نەپەر كىشى يارىلاندى

31500 نەپەر ساياھەتچىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى

2017.08.09 08:54   مەنبە: خەلق تورى

يەر تەۋرەش ئاپىتىدە توققۇز كىشى قازا قىلدى، 164 نەپەر كىشى يارىلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، ئابا زاڭزۇ- چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە يەتتە بال يەر تەۋرىدى، 9- ئاۋغۇست سەھەر سائەت بەشكىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە توققۇز كىشى قازا قىلدى، 164 نەپەر ئادەم يارىلاندى.

  نۆۋەتتە، جيۇجەيگۇ ناھىيەلىك قاتناش تارماقلىرى 14 دانە قاچىلاش ماشىنىسى، ئون كىچىك ماشىنا، ئىككى ماتېرىيال توشۇش ماشىنىسى، 90 نەپەر خادىمنى يوللاردا خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 310 نەپەر تېببىي خادىم، 47 قېتىم قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چىقىرىپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمى، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئەسى، ئالاقە، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قۇتقۇزۇش كۈچلىرىدىن 1200دىن ئارتۇق ئادەم، 90دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى