باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە جەڭ ئېلان قىلايلى

باي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئەزىز مەمەت

2017.08.08 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىدىكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى چوڭ توسالغۇ، ئۇلار پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، تەشكىلنىڭ ئىناۋىتىگە ھاقارەت كەلتۈردى، سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇلغىدى، ئۇلار بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز. بىز ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››لارنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىپ، تەلتۆكۈس تازىلىشىمىز كېرەك.

  ھەرۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى قەتئىي پاش قىلىشىمىز كېرەك. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى غايە ۋە ئېتىقاد جەھەتتە چېكىندى، دىنغا ئاشكارا ئېتىقاد قىلمىغان بىلەن، يوشۇرۇن ئېتىقاد قىلدى، خىزمەتتىكى چاغدا ئېتىقاد قىلمىغان بىلەن، پېنسىيەگە چىققاندا ئېتىقاد قىلدى؛ بەزىلىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالدى، بىلسىمۇ كارى بولمىدى؛ بەزىلىرى پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسىلىسىگە چېتىشلىق خادىملارغا دائىر يىپ ئۇچىنى سۈرۈشتۈرمىدى، دوكلات قىلمىدى، پاش قىلمىدى؛ بەزىلىرىنىڭ مەيدانى تەۋرەندى، ئۇلار ھەم تەشكىلگە ئەپلەپ – سەپلەپ جاۋاب بەردى، ھەم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ياخشىچاق بولدى، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، دىلى باشقا، تىلى باشقا بولدى؛ بەزىلىرى بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››ى ۋە ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى›› بولۇپ، زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز – بۇرۇن يالاشتى. ئۇلارنىڭ ساختا، ساداقەتسىز، سەمىمىيەتسىز ماھىيىتى ‹‹ۋاقتىنچە›› تەشكىلنى ئالدىيالىغان ياكى ئاممىنى بىخۇدلاشتۇرالىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى مەڭگۈ يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەرۋاقىت ھوشيار تۇرىدىغانلا بولساق، ئۇلارنىڭ ھىيلە – مىكرى ئامما ئالدىدا ئاشكارىلىنىدۇ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› ھامان پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر بىز ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بىزدىن ئاممىنى تالىشىش كۈرىشى پەۋقۇلئاددە كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قالدۇقلىرى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نىڭ ھىيلە – مىكرى ئالدىدا بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارغا قويغان ‹‹ئۈچتە ئالاھىدە بولۇش›› تەلىپىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن–ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىنى يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەشتە باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى تەلتۆكۈس پاش قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە زېرەك، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى قەتئىي تازىلىشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت، ھەرقانداق مىللەت ۋە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بەختى بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. ئەمەلىيەت ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقاتمىغاندا، جەمئىيەتنىڭ تىنچ – مۇقىم بولمايدىغانلىقىنى؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نى يوقاتمىغاندا، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل–كېسىل تازىلاپ، ئارىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››لارنى تەلتۆكۈس قېزىپ چىقىرىپ ۋە يوقىتىپ، ئۇلارغا پۇت دەسسەپ تۇرغىدەكمۇ يەر قالدۇرماي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات قورغانىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىنى توسقىلى بولمايدۇ، خەلقىمىزنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاپ، بېيىشنى كۆزلەپ، ئىناقلىققا تەلپۈنۈش ئارزۇسى باشتىن–ئاخىر ئۆزگەرمەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بولىدىكەن، ھېچكىم بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش قەدىمىمىزنى توسۇيالمايدۇ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بارلىق سۇيىقەستى ئۈزۈل–كېسىل مەغلۇپ بولىدۇ، بىز ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىگە ئېرىشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر