خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە: 9- ئاۋغۇست سائەت يەتتىدىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە،شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 44.27 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق82.89گىرادۇس)دا تەخمىنەن6.6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئاپتوماتىك ئۆلچىشىچە: 9- ئاۋغۇست سائەت يەتتىدىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 44.31 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق82.89گىرادۇس)دا 6.1 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىدى، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى رەسمىي تېز مەلۇماتنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى