باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا داڭلىق دوختۇرلار بازاردا كېسەل كۆرىدىغان بولدى

2017.08.09 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەزىز مەخمۇت ئىلگىرى ئادەتتىكى كېسەللەرنىمۇ داۋالىيالمايدىغان زاۋا بازارلىق دوختۇرخانىدا يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، يۈرەك ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى قايتا تەكشۈرۈشنى تۈگىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

  شىنجاڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 1-دوختۇرخانىنىڭ "ئەل رايىنى ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش" كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما يىتۇڭ مۇنداق دېدى: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا، ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە ئاساسى ئاجىز، يىنىك كېسەللىرىنى ۋاقتىدا داۋالاتماسلىق، ئېغىر كېسەللەرنى چىداپ ئۆتكۈزۈۋېتىش نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئامالسىز تاللىشى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇدا 4-يىل "ئەل رايىنى ئىلگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش" كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشقا 9500دىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتتى، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى 534 مىڭ كادىر تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى كەنتلەر، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، مەھەللىلەرگە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىشتىن ئىبارەت سەككىز ۋەزىپىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى شەخسلەر ئىئانە بېرىش، جەمئىيەتتىن مەبلەغ توپلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق "داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسى" قۇرۇپ، ئىچكى، تاشقى، ئاياللار، بالىلار قاتارلىق بۆلۈملەرنى تەسىس قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر قەرەللىك كېسەل كۆردى، شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام دوختۇر، سېستىرالارنى تەربىيەلەشكە ياردەم بەردى، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆسكەن دوختۇرخانا بازاردىكى 65 مىڭ ئاھالىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.

  ھازىر داڭلىق دوختۇرلار ئىشخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر كېسەل كۆرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، 22 تۈركۈمدە 102 مۇتەخەسسىس 1500دىن ئارتۇق كېسەل كۆردى، دوختۇرخانا ئامبىلاتورىيەسىدىكى بالنىستا يېتىپ داۋالىنىدىغانلار ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر