باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق دىراما ۋە ئەلنەغمىلەرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى بىرلىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ

ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر يىلى بىر مەيدان مۇنەۋۋەر ئەلنەغمە ئويۇنىدىن ھەقسىز ھوزۇرلىنىدۇ

2017.08.09 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دىراما ۋە ئەلنەغمىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «دىراما ۋە ئەلنەغمىلەرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تارقاتتى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2017- يىلى، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، شارائىتى بار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان مۇنەۋۋەر ئەلنەغمە ئويۇنىنى ھەقسىز كۆرسىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 2018-يىلى، ئەلنەغمىلەرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، تىياتىر مائارىپى مول ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇلىدۇ. مەملىكەتتىكى بارلىق ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر يىلى بىر مەيدان مۇنەۋۋەر ئەلنەغمە ئويۇنىنى ھەقسىز كۆرۈشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2020-يىلى، ئەلنەغمىلەرنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش دائىملاشتۇرۇلۇپ، مېخانىزملاشتۇرۇلۇپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  بۇ پىكىرگە ئاساسەن، ئەلنەغمىلەرنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنىڭ ئاساسلىق شەكلى تىياتىر ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە تىياتىر سەنئەت ئۆمەكلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئويۇن قويۇشقا تەشكىللەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تىياتىرخانىغا كىرىپ نەق مەيداندا كۆرۈشكە تەشكىللەش ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئەلنەغمە تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش دەرىجىسى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، دەۋر ئالاھىدىلىكى، مەكتەپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئەلنەغمە مائارىپ شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ؛ دىراما ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەكتەپلەر كۆپ خىل تىپتىكى دىراما ھەۋەسكارلىرى كۇرۇژۇكلىرى، مەكتەپنىڭ دىراما ئۆمىكى، دىراما ۋە ئەلنەغمە خىزمەت ئورنى ۋە دىراما ۋە ئەلنەغمىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش بازىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر