باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يازلىق تەتىلدە دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2017.08.09 15:39   مەنبە: خەلق تورى

يازلىق تەتىلدە دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى پەلەيچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن ۋاڭ شياۋلوڭ، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى) «مېنىڭ ئىسمىم رەناگۈل، بۇ يىل بەش ياشقا كىردىم، مېنىڭ خەنزۇ تىلى مۇئەللىمىمنىڭ ئىسمى ئىليار، مەن چوڭ بولغاندا مۇئەللىمگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بالىلارغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىمەن». 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى پەلەيچى كەنت يەسلىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەناگۈل مەمەت سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىغا چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ دۆلەت تىلى مۇئەللىمىنى تۇنۇشتۇردى.

  يازلىق تەتىلدە، ئاقسۇ شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى پەلەيچى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئستۇدېنتلار ئىچىدىن دۆلەت تىلى سەۋىيەسى يۇقىرى، ئىدىيەۋى ئىپادىسى ياخشى، ئالاقە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تۆت ئستۇدېنتنى يازلىق تەتىللىك دۆلەت تىلى ئۆگىتىش يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ بېكىتتى .

  20 نەچچە كۈنلۈك تەربىيەلەش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ھەم تەتىللىك تاپشۇرۇقىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇندىلىپ بولدى. يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئستۇدېنت مەردان مەمتۇللا مۇنداق دېدى: قىسقىغىنە بىر ئايلىق يازلىق تەتىللىك دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۆگەنگەن بىلىملەر چەكلىك، لېكىن بىزنىڭ بۇ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز بالىلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقىنى تېخمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش بولۇپ، دەرسخانىدا بىز كۆڭۈللۈك تاۋۇش چىقىرىش، قىزىقارلىق خەت تۇنۇش قاتارلىق دەرسخانا كىچىك ئۇيۇنلىرى ئارقىلىق زىرىكىشلىك ئۆگىنىشنى تېخمۇ جانلىق، قىزىقارلىق قىلدۇق، بالىلارمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆردى. ئەسلىدىكى 57 ئوقۇغۇچىدىن 83 ئوقۇغۇچىغا كۆپەيدى. سنىپتىكى قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى تېز بولغان بالىلار قىسقىغىنە كۇرسقا قاتنىشىپ ئۆزىنى ۋە ئۆيىدىكىلەرنى تۇنۇشتۇرالايدىغان، قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك بولغان بالىلار ھەرپ، تاۋۇشلارنى تۇنىيالايدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ بىز بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتتۇق».

  __ قىشلىق تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندە، مەن يەنە ئىنى-سىڭىللىرىمغا دەرس ئۆتۈمەن، ئۇلار بىلەن دىيىشىپ قويدۇم، يېرىم يىلدىن كېيىن كىمنىڭ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەنلىكىنى باھالايمىز» - دېدى، يازلىق تەتىلدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئىليار مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى