سۈرەتتە: 2008-يىلى 8-ئاۋغۇست تارتىلغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ساليوت كېچىلىكى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توققۇز يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدىكى « قۇش چاڭگىسى»دا باشلاندى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ كەڭ قورساقلىقىنى، ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان روھىنى نامايەن قىلدى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىر يۇقىرى پەللە ھەم بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، شۇ كۈنىدىن، ئاشۇ كېچىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليارد كىشى شەرقتىكى بۇ قەدىمكىي دۆلەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى