باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى

2017.08.09 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن جۇڭگونىڭ شىمالىي زېمىنى شاد-خوراملىققا چۆمدى. مىللىيچە كىيىم كىيگەن موڭغۇل خەلقى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. نۇرغۇن چەتئەللىك ئەربابلار: جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تىرىكى ۋە كاپالىتى، بۇ باشقا كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ، دېيىشتى.

  ئەنگلىيە لوندون پادىشاھ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى كارى بۇلان مۇنداق دېدى: يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇلدا زور ئۆزگىرىش بولدى، كۆكخوت ئۆزگىرىپ، تونىيالمايدىغان ھالەتكە كەپتۇ.

  پاكىستان جىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسسورى ۋىكا ئەلىشاھ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى بىر قاتار ئىقتىساد ۋە يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىپ، نۇرغۇن ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

  پەلەستىندىكى داڭلىق يازغۇچى، سىياسىي تەھلىلچى مۇستاپا ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ تەرەققىي قىلىش جەھەتتە ئۆزگىچە يول ئاچقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىدى.

  جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى زىيارەت قىلغان ھىندىنوزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى بەنباڭ مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا نەپ يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ دۇنيادىكى باشقا كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر