باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى ئابا زاڭزۇ چاڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى ھەربىي شۆبە رايونى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق قوراللىق ساقچى قىسىم شۇنداقلا خەلق ئەسكەرلىرىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەييالىق قىلىشقا بۇيرىدى

2017.08.09 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايونى سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ئارقىلىق جۇزەيگۇ قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، ئابا زاڭزۇ چاڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى ھەربىي شۆبە رايونى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق قوراللىق ساقچى قىسىم شۇنداقلا خەلق ئەسكەرلىرىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەييالىق قىلىشقا بۇيرىدى. يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئابا شۆبە ھەربىي رايونى جۇزەيگۇ ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى بۆلۈمى 100 خەلق ئەسكىرىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتىنى ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. سىياسىي كومىسسار جاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: بىز جاڭزا بازىرىغا ئورۇنلاشتۇق، بىز ناھىيەدىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە كەلدۇق، يول بويىدىكى تاغلاردىن توختىماي تاش چۈشتى، بىر قانچە يەردە خېلى چوڭ تاشلار چۈشتى، چوڭ ماشنىلار قاپسىلىپ قالدى، كىچىك ماشىنىلار ئارا ئۆتەلىدى، بىز يولدا بىر قانچە كىچىك ماشىنىغا تاش تېگىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق، بىز ھازىر ساياھەت رايونى يېتىپ باردۇق، بىز تەخمىنەن 100 ئەسكەرنى تەشكىللەپ، ساياھەتچىلەرنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇردۇق.

  قوراللىق ساقچى قىسىم سىچۈەن ئۆلكىلىك باش ئەترىتى ئابا تارماق ئەترىتىنىڭ 6-چوڭ ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خەتەردىن جىددىي پاناھلىنىشقا تەشكىللەۋاتىدۇ، ھازىر جۇزەيگۇ ساياھەت رايونىدا قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. قوراللىق ساقچى قىسىم سىچۈەن ئۆلكىلىك باش ئەترىتى 1-تارماق ئەترىتىنىڭ ساپيور ئوتتۇرا ئەترىتىدە 9 ماشىنا 68 ئەسكەر بولۇپ، ئۇلار لازىرنۇرلۇق ھاياتلىق تەكشۈرگۈچ، رادارلىق ھاياتلىق تەكشۈرگۈچ قاتارلىق كەسپىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ يەر تەۋرىگەن رايونغا ئاتلاندى. قوراللىق ساقچى قىسىم سىچۈەن ئورمان باش ئەترىتى ئابا تارماق ئەترىتى جۇزەيگۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى لىن يۈەنياڭ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر جۇزەيگۇنىڭ مەلۇم بىر بازىرىدا، تاغدىن توختىماي تاش چۈشىۋاتىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلى خېلى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى، بىز ھازىر خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئەشيا ۋە جاپدۇق تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز، بارلىق تەييارلىق پۈتتى.

  غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم خەۋەرلىشىش بېرگادىسىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماق ئەترىتى تۈنۈگۈن كەچتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيەسىنى قوللىنىپ، گۇرۇپپا تەشكىللەش ئەھۋالىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، خادىملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل ۋە جاپدۇقلارنى تەكشۈردى، ئەگىشىپ كاپالەتلىك قىلىش، ئايروپىلاندىن سەكرەپ يېتەكلەش، قىسقا دولقۇندا خەۋەرلىشىش قاتارلىق بەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ، بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر