باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ياپونىيەنىڭ «مۇداپىئە كۆرۈش ئاق تاشلىق كىتابى»دا دۇداۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيەگە تەۋە دەپ جاكارلىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى

2017.08.09 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ «مۇداپىئە كۆرۈش ئاق تاشلىق كىتابى»دا دۇداۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيەگە تەۋە دەپ جاكارلىشىغا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشنى تەشەببۇس قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇداۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى كورېيە-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى دوستلۇق تەرەقىياتىغا پايدىسىز. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنى چوقۇم ئېنىق تونۇپ يېتىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باياناتتا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەيلى جۇغراپىيەلىك ۋە تارىخ ھەم خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۇداۋ ئارىلى ئېنىق كورېيەنىڭ زېمىنى. كورېيە ھۆكۈمىتى دۇداۋ ئارىلىغا قارىتىلغان ھەر قانداق ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي تاقابىل تۇرىدۇ.

  كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيەنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ياپونىيەنىڭ دۇداۋ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ياپونىيەگە تەۋە دەپ جاكارلىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

  دۇداۋ ئارىلى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 0.18 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كورېيە، چاۋشيەن، ياپونىيە مەزكۇر ئارالغا نىسبەتەن ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە، بۇ ئارالنى كورېيە ئەمەلىي تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر