باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىدى

ھەر قايسى تەرەپلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى

2017.08.09 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن. ئابا ئوبلاستى خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 8- ئاۋغۇست سائەت 23 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يەر تەۋرەشتە بەش نەپەر ساياھەتچى قازا قىلغان، 70 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 30 كىشى يارىلانغان. ئابا ئوبلاستى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىدارىسى بەرگەن دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە،جيۇزەيگۇ ناھىيەسى، سۇڭپەن ناھىيەسى، خېيشۈي ناھىيەسى، ۋېنچۇەن ناھىيەسى، روئېرگەي ناھىيەسى ۋە ئابا ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش تەسىرى كۈچلۈك بولغان، جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە توك توختىغان، ئەمما تېلېفون خەۋەرلىشىشى نورمال بولغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە قىسمەن پويىزلارنىڭ يۈرىشى توختاپ قالدى.

  يـەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەر جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەت خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر