باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى

2017.08.09 15:03   مەنبە: خەلق تورى

چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى، فوتوسى)

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى باشلانغان بولۇپ، زال ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئالدىدىكى ئەنجۈ قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئايگۈل مۇھەممەت توققۇز ياشلىق ئوغلى ئەزىمەتكە چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدىكى ۋەقەلىكلەرنى تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. ئەزىمەت بىر تەرەپتىن سىزىلغان رەسىملەرنى كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم ئاستىغا يېزىلغان ھېكايىلەرنى ئوقۇپ، ئاپىسىدىن توختىماي ئۇنى-بۇنى سورايتتى. ئايگۈل مۇھەممەتمۇ ئېرىنمەي ئوغلىغا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئەزىمەت بۈگۈنكى كۆرگەزمىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدى، چۈنكى كۆرگەزمىدە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەسىملەردىن باشقا، ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدىغان نۇرغۇن تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھېكايىسىمۇ بار ئىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشچىلىقى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ «داجۇڭ» مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىدا باشلاندى.كۆرگەزمىگە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغان 1000 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ تارىخىغا نەزەر سالساق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش-ئىزلار بارلىققا كەلدى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخىسلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ تەسىرلىك ئىش-ئىزلار شىنجاڭدىكى چاتما رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇلار قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۈچ يىلدا مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى، ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى، ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت كادىرى، ئەڭ گۈزەل ئائىلە قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن نەمۇنىچىلارنىڭ ئۈلگىلىك ھېكايىلىرىنى ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە قوش تىللىق چاتما رەسىملىك كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.

  بۇ قېتىمقى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىگە شىنجاڭ «داجۇڭ» مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن يېقىندا قۇرۇلغان شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى چاتما رەسىم تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم رەسساملىرى ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرى ئىچىدىن تاللاپ قاتناشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چاتما رەسىمگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ يەرلىك تارىخىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە چاتما رەسىملەر ئۆزىنىڭ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، قېرى – ياش ھەممىسىگە باب كېلىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن رەسىملىك كىتابلار شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى چاتما رەسىم ھەۋەسكارلىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى .

  كۆرگەزمىخانىدا كىشىلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربان نىيازنىڭ ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن چاتما رەسىم ئالدىغا يىغىلىۋالغان ئىدى، بۇ سىزىلغان رەسىمدىكى ئاساسلىق شەخىس قۇربان نىيازمۇ كۆرگەزمىنى كۆرگىلى ئالايىتەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.

  __ بىز كىچىكىمىزدىن ئىلغار شەخىسلەرنىڭ چاتما رەسىملىك كىتابلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇق. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆرگەن شۇ قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى تا ھازىرغىچە قەلب تۆرۈمدە. مەن 14 يىل ئىلگىرى يۇرتۇمدا دۆلەت تىلى مەكتىپى قۇرغان، ھازىر مەكتىپىمىزدە 850 ئوقۇغۇچى بار. مېنىڭ ھېكايەمنى رەسىم قىلىپ سىزغان رەسسام ۋە ماقالىسىنى يازغان يازغۇچىنىڭ ئىپادىلىشى ناھايىتى ئەتراپلىق، ياخشى بوپتۇ، بۇ قېتىمقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مەزمۇنى مول، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇرىقى كۈچلۈك، سىزىلىشى رەڭگارەڭ بوپتۇ. بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەن كىشىلەر رەسىمنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ھېكايىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ، مۇشۇ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بولىدۇ، شۇڭا بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، _ دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربان نىياز.

  __ بۇ چاتما رەسىملەر ياشلار ۋە بالىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىمۇ رولى چوڭ ئىكەن، رەسىملەرنىڭ ئاستىدا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ھېكايسى بولغاچقا، بالىلارنى ناھايىتى قىزىقتۇرالايدىكەن، ئۇلار ئۆزى ئوقۇپ، رەسىملىرىنى كۆرۈپ بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكنى ئاسان چۈشۈنەلەيدىكەن، بۇ كۆرگەزمە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدىغان ئەمەلىي دەرسلىكىمىز بوپتۇ،- دېدى شەھەر ئاھالىسى ئايگۈل مۇھەممەت.

  چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخىسلەر تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىللە، چاتما رەسىم كەسپىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئىشىشىغىمۇ تۈرۈتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى