باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ 3– دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى

2017.08.09 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 9-ئاۋغۇست سەھەردە دۆلەتنىڭ 3– دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي مېخانىزمىنى يولغا قويدى. دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى، دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، زېمىن- بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاپەت رايونىغا تېزدىن يېتىپ بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت رايونىدىكى قاتناش، خەۋەرلىشىش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر