سۈرەتتە: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس تەقلىدىي بازىسى تۈرى ئورۇنلاشقان چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيشى ئوبلاستى چوڭ سەيدام ئويمانلىقى خوڭيا رايونى (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاي شارى ۋە ئالەم تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مارس تەقلىدىي بازىسى تۈرى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى ئوبلاستى چوڭ سەيدام ئويمانلىقى خوڭيا رايونىغا ماكانلاشقان. بۇ يەرنىڭ تىپىك يارداڭلىق يەر شەكلى، تەبىئىي مەنزىرىسى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى بولغاچقا، مۇتەخەسسىسلەر نەزىرىدە بۇ جاي جۇڭگودىكى مارسقا ئەڭ ئوخشايدىغان جاي دەپ قارالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى