باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

11-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەل ئارىسىدىكى دوستلۇق يىغىنى ئاياغلاشتى

2017.08.09 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەل ئارىسىدىكى دوستلۇق يىغىنى تۈنۈگۈن كامبودژانىڭ سېمرىئاپ شەھىرىدە ئاياغلاشتى، يىغىندا "سېمرىئاپ خىتابنامىسى" ماقۇللاندى.

  خىتابنامىدا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەر 2018-يىلى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بەرپا قىلغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ 3-چوڭ تىرىكى قىلىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا ئەقىل پاراسەت كۆرسىتىپ ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  خىتابنامىدا مۇنداق دېيىلدى: ھەر قايسى تەرەپلەر بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقە باغلاش، ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار ھەمكارلىق ساھەلىرىدە كۆۋرۈلۈك رول ئويناشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر