باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتىتپاقى تۈنۈگۈن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2017.08.09 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى فىلىپپىنىڭ زۇڭتۇڭى دۇتېرت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يۈرۈشلۈك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆزلىشىش شېرىكلىرى شۇنداقلا باشقا ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى تەبرىكلەش مۇراسىما قاتناشتى. مۇراسىمدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ تەبرىك سۆزى قويۇلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تۈنۈگۈن بىرلەشمە خىتاب ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ غەلبىلىك بەرپا قىلىنغانلىقىنىڭ مۇھىم تارىخىي پەيتى. ھازىر كېلەركى 50 يىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئورتاق گەۋدە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىلگىرىكى ئاساس ئاساسىدا يېڭى خىرسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغان ئىشەنچىمىز كامىل، دېيىشتى.

  50 يىلدىن بۇيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇسى 640 مىليونغا، ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر