باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سالپۇل ئۆلكىسىدە ئەسەبىي تەشكىلات تۇتقۇن قىلىۋالغان 235 پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىنغان

2017.08.09 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان ساباھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سالپۇل ئۆلكىسىدە ئەسەبىي تەشكىلات تۇتقۇن قىلىۋالغان 235 پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: بۇ پۇقرالار ئالدىنقى ھەپتە سالپۇل ئۆلكىسى سەئىد رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان، شۇ ۋاقىتتا، بۇ رايون ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 30 ئادەم قازا قىلغان.

  ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى تۈنۈگۈن ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ چوقۇم قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

  ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر