- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان2017-يىللىق تاۋار سودا يەرمەنكىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىنىدۇ
2017.08.09 13:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەش كۈندە 14 مەيدان مودا كىيىم كۆرگەزمىسى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن مۇنەۋۋەر لايىھەلىگۈچىلەر يىغىلغان. ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى 2017-يىللىق(جۇڭگو)ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا-ياۋروپا مودا ئېقىمىنى يېتەكلەيدۇ.
8- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا خەلقئارا كۆرگەزمە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىللىق تاۋار سودا يەرمەنكىسىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان 6- نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى 8- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 2- قەۋەت يىپەك يولى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بەش كۈن ئىچىدە تاماشىبىنلارغا 14 مەيدان مۇدا كيىم كۆرگەزمىسى قىلىپ بېرىلىدۇ.
2017 ـ يىللىق تاۋار سودا يەرمەنكىسى 8- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 8- ئاينىڭ 24- كۈنى كەسپىي تاماشىبىنلار كۈنى بولۇپ، 8- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە تاماشىبىنلارغا ئېچىۋېتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر