باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەسپىي ئىشتاتلىق خادىملارنىڭ توختام ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئىدارىسى توختامنى داۋاملاشتۇرمىسىمۇ بولامدۇ؟

2017.08.09 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  [دېلو مىسالى]

  2013-يىلى، جۇ×× ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىنگلىزچە دەرس ئوقۇتقۇچىلىقىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، جۇ×× مەكتەپ بىلەن قەرەلى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئۈچ يىللىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىغان.

  توختام ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، جۇ×× مەكتەپتە خىزمەتكە چۈشكەن ۋە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ئەستايىدىل ھۆددىسىدىن چىققان. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مەكتەپ ئاغزاكى شەكىلدە جۇ×× كە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك توختامى توشقاندىن كېيىن، مەكتەپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئەمگەك توختامى ئىمزالىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. جۇ×× نىڭ ئويلىشىچە، ئۆزى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان، خىزمەت جەريانىدا ئەستايىدىل ئىشلىگەن، نەتىجىسى كۆرۈرنەرلىك بولغان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەقدىرلىشىگىمۇ ئېرىشكەن. ئېغىر دەرىجىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش، ئىش تاشلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلمىغان، مەكتەپنىڭ ئۆز ئالدىغا توختامنى بىكار قىلىشى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

  مەكتەپ بىلەن كۆپ قېتىملىق كېڭىشىشنىڭ نەتىجىسىز بولۇشى تۈپەيلى، جۇ×× ئەمگەك-كادىرلار ئىشلىرى تالاش-تارتىشى كېسىم كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنغان، لېكىن كېسىم كومىتېتى جۇ×× نىڭ كېسىم ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پارچە ئەرز خېتى يېزىپ، مەكتەپ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، سوتتىن مەكتەپنىڭ ئۆزى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ھۆكۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ جۇ×× نىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلغان، جۇ×× ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

  [قاراش]

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇنداق قارىدى: ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى»غا ئاساسلانغاندا، توختام ۋاقتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدە ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئارقىلىق يەنە «تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى»نى ئىمزالاشقا بولىدۇ، دەپ تۈزۈلگەن. جۇ×× بىلەن مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ قايتا توختام ئىمزالاشتا بىرلىككە كېلەلمىگەن، بۇ توختام مۇددىتى توشۇپ، توختامنى بىكار قىلىشتەك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا چۈشىدۇ. بۇ ئەھۋال مەكتەپنىڭ « تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى»نى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىش ئەھۋالىغا كىرمەيدۇ. شۇ سەۋەپلىك «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى ئالاقىدار قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئەمەس، شۇڭا سوت جۇ×× نىڭ مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن توختامنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىشقا ئاساسى تولۇق ئەمەس، سوت بۇنى قوللىمايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 5-سوت كوللېگىيەسىدىن خەن جىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر پىكىرگە كەلگەندە، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئۇدا ئىككى قېتىم تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈپ بولغان ھەمدە ئەمگەكچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 39- ماددىسى ۋە 40-ماددىسىنىڭ بىرىنچى تارمىقى، ئىككىنچى تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت بولمىسا، ئەمگەكچى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى تەلەپ قىلمىسىلا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر