5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىكى تۇنجى ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز لىنىيەسى سىناق قىلىندى. بۇ لىنىيەنىڭ ئىسمى بېيجىڭ ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزى ئۈلگە لىنىيەسى، يەنە بىر ئىسمى بېيجىڭ مېتروسى S1 لىنىيەسى.
S1 لىنىيەسى بېيجىڭدىكى تۇنجى ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز لىنىيەسى، بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، باشلىنىش بېكىتى بېيجىڭ شىجىڭشەن رايونى ئالمىلىق بېكىتى، ئاخىرلىشىش بېكىتى مېنتوۋگوۋ رايونى تاش زاۋۇتى بېكىتى.
شىنجىڭ گېزىتىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، S1 لىنىيەسى 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا 7 بېكەت، 6 رايون ئارىسىدا سىناق تەرىقىسىدە يولۇچى توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، مېنتوۋگوۋ يۆنىلىشىدىن S1 لىنىيەسىگە ئولتۇرسا، 10 منۇتقا قالمايلا ئالىمىلىق بېكىتىگە بارغىلى بولىدىكەن.