باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئىران بىلەن بولغان چېگرىسىدا پاسىل تېمى سېلىشقا باشلىدى

2017.08.10 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئاغرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى 8- ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تۈركىيە بىلەن ئىران چېگراسىدا بىخەتەرلىك پاسىل تېمى قۇرۇش باشلاندى.

  ئاغرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاغرى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى سۇلايمان ھېربىن شۇ كۈنى قۇرۇلۇش ئورنىنى تەكشۈردى. تور بېكىتىنىڭ سۈرىتىدە كۆرسىتىشىچە، ئالدىن تەييارلاپ ياسىغان نۇرغۇن بېتون تاملار قۇرۇلۇش مەيدانىغا دۆۋىلەنگەن، قۇرۇلۇش ماشىنىسى تامنى توشۇپ قۇراشتۇرماقتا.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ پاسىل تامنىڭ قۇرۇلۇشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 144 كىلومېتىر كېلىدىكەن، ئۇ پاسىل تام تۈركىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاغرى ئۆلكىسى بىلەن ئىران زېمىنىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان.

  تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 560 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىككى تەرىپى كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. تۈركىيە جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئىران چېگرا ئارىسىدىكى بۇ پاسىل تامنى قۇرۇشتا كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ چېگرادىن ھالقىپ ھۇجۇم قىلىش پائالىيىتىنى توسۇش مەقسەت قىلىنغان. مەزكۇر تەشكىلات يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيە ئىچىدە كۆپ قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغان، تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن،تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان چېگراسىدىمۇ پاسىل تېمى ياساۋاتىدۇ، ھازىر تەخمىنەن 550 كىلومېتىر كېلىدىغان 1- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر