باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا-ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئۇرۇش بۆرىسى _ 2»نى كۆرۈش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلدى

2017.08.10 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئىيۇل ئامېرىكا لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە، 27- ئىيۇل جۇڭگودا قويۇلغاندىن بۇيان، پەقەت ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، «ئۇرۇش بۆرىسى _ 2»نىڭ جۇڭگودىكى بېلەت كىرىمى ئۈچ مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ھەرقايسى چوڭ تور ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھەر قايسى تورداشلارمۇ قاتتىق تەۋسىيە قىلىشتى. مۇشۇنداق ياخشى بولغان كىنو بېلەت كىرىمىگە قارىتا، ئامېرىكا «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»،CNN ، ئەنگلىيە BBC قاتارلىق چەتئەلنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن «ئۇرۇش بۆرىسى _ 2»نىڭ بېلەت كىرىمى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ، چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ جۇڭگو كىنوسىنى توغرا ئۇسۇلدا كۆرۈشى ئۈچۈن، چەتئەللىك تورداشلارنى «ئۇرۇش بۆرىسى _ 2» ناملىق كىنونى كۆرۈش يېتەكچىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  باش رولچى ۋۇ جىڭ بۇ قېتىم چەتئەلدە تولۇق داڭق چىقاردى. پۇختا گۇمپىسى، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ۋە كېلىشكەن قىياپىتى بىلەن، ۋۇ جىڭنى «ھوللىۋود مۇخبىرلىرى گېزىتى» لى شىياۋلوڭ بىلەن چىڭلوڭدىن كېيىنكى جۇڭگو گۇمپا كىنولىرىنىڭ ئىز باسارى دەپ ئاتىدى، ھەمدە ئۇنىڭ بۇرۇنقى «ئۇرۇش بۆرىسى» ناملىق فىلىمىدىكى ئىپادىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يۈكسەك باھا بەردى. ۋۇجىڭ فىلىمدە باش قەھرىمان «لېڭ فېڭ»نىڭ رولىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كەسپ ئۆزگەرتكەن رېژىسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك دىققىتىنى تارتتى.

  نۇرغۇن چەتئەللىك تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ بۇنداق ئاساسىي مېلودىيە كىنوسىنى كۆرۈشكە كۆنۈش ئانچە ئاسان ئەمەس. گەرچە ئىشلەش سەۋىيەسى ۋە شەكلى جەھەتتە ھوللېۋۇدنىڭ كىنولىرى بىلەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم دۇنيانى قۇتۇلدۇرىدىغىنى ئامېرىكىلىق تەنھا ئەزىمەت ئەمەس، بەلكى قورقۇمسىز جۇڭگو ھەربىيلىرى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر