باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا 10مىڭ 500 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2017.08.10 15:42   مەنبە: خەلق تورى

ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا 10مىڭ 500 ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  9- ئاۋغۇست، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاۋغۇست كەچ سائەت 23دە، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت ئەھۋالىنى تاراتقۇلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى .

  شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ فېڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يـەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ،دەرھال كۈچ تەشكىللەشنى، پۈتۈن كۈچ بىلەن خادىملارنى ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، تېز سۈرئەتتە ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ۋە ئەگەشمە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا 3- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇردى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى يوقلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جېڭ لىمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى 2 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى .

  ۋۇ فېڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 9- ئاۋغۇست بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دە، رەتكە تۇرغۇزۇپ ستاتىستىكا قىلىش نەتىجىسىدە، جىڭ ناھىيىسىدە 32 ئادەم يارىلانغان (ئۈچ ئادەم ئېغىر يارىلانغان)لىقى ئېنىقلاندى، ھازىرچە ئادەم ئۆلگەنلىق ھەققىدە دوكلات يوق. سائەت 16گىچە، 212 ئائىلە 307 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 4032 ئائىلە 5469 ئېغىز ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان، 213 جاينىڭ 2535 مېتىر تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 195 جاينىڭ 3600 مېتىر تاملىرى بۇزۇلغان، 153 جاي چارۋا لاپىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋە بۇزۇلغان، ئالتە جاينىڭ 88 مېتىر يول يۈزى بۇزۇلغان،ئالتە دۇڭ بىنادا يېرىق پەيدا بولغان. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرلىرى ياساش، يەسلى ۋە مەكتەپلەر، ھەمدە كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت بازىسى، يېقىن ئەتراپتىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يارۇ-بۇرادەرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەندەك كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر مىللەت ئاممىلىرى 10 مىڭ 500گە يەتكەن. دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىشىچە،بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 150 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايون ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەش مىليون يۈەنلىك جىددى مەبلەغ ئاجراتتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئالدىن ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 1500 دانە چېدىرنى ئاپەت رايونىغاجىددىي يۆتكەپ توشۇپ، 400 دانە چېدىر قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 1540 كارىۋات، 500 قاتلىما كارىۋات، 1000 تال قول چىراغنى يۆتكەپ توشۇدى؛ قىزىل كرىست جەمئىيىتى 500 كارىۋات ۋە 200 تال ئائىلە سومكىسىنى جىددىي يۆتكەپ، جىڭ ناھىيەسىدە تۆت مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يەيدىغانغا ئىسسق تاماق بار بولۇش، ئىچىدىغانغا پاكىز سۇ بار بولۇش، ئالماشتۇرىدىغان كىيىمى بار بولۇش، تۇرىدىغان جايى بار بولۇش، كېسىلى بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا بولىدىغان بولۇش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلدى.

  نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ خەۋەرلىشىشى، سۇ، گاز، توك بىلەن تەمىنلىنىشى نورمال بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كەيپىياتى مۇقىم، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى جىددىي پۇختا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇنىڭدىن باشقا، بورتالا ئوبلاستلىق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ۋېنيۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشىچە، 9- ئاۋغۇست سائەت 7دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش قالدۇق يەر تەۋرەش خاراكتېرىدىكى تەۋرەش ھېسابلىنىدىكەن.

  جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى جىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 37 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق رايونغا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك 44.27گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.89گىرادۇس، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش قوشۇمچۇق تېغىنىڭ ئالدىنقى ئۈزۈلمە ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ئىكەن.

  بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى رايونى تارىختا 1955- يىلىدا 6.5 بال يەر تەۋرىگەن، 1973- يىلى 6.1 بال يەر تەۋرىگەن.

  9- ئاۋغۈست چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17دە،165 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرەش ئۆلچەپ تەكشۈرۈلگەن ، ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 4.7 بال، 4.0-4.9 بال يەر تەۋرەش ئالتە قېتىم يۈز بەرگەن، 3.0-3.9 بال يەر تەۋرەش سەككىز قېتم يۈز بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى