باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جيۇزەيگۇدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

2017.08.10 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇسىت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەر دەرھال جىددىي سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، تېز ئىنكاس قايتۇردى، ھازىر يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندىكى دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا يەر تەۋرەشتە 19 كىشى قازا قىلغان، 263 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە 10 كىشى ئېغىر يارىلانغان(ئۈچ كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك). چۇەنجۇسىدىن جيۇزەيگۇ تاشيولىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇزۇلغان يول بۆلەكلىرى، چۇەنجۇسىدىن تەۋرەش مەركىزى بوجا بازىرىغىچە بولغان قۇتقۇزۇش يوللىرى ئېچىلىپ، قۇتقۇزۇش كۈچلىرى جيۇخۇاڭ ئايرودۇرۇمىدىن تەۋرەش مەركىزىگىچە تەق بولدى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىق خەتەردىن قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ كېچىلەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر