باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: كەچلىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئاسانلا ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن

2017.08.09 08:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كەچلىكى يانفون، كومپىيۇتېر قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئاسانلا ئۇيقۇنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، چۈنكى بۇ خىل ئۈسكۈنىلەر تارقاتقان كۆك نۇرنىڭ تەسىرىدە، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولى بولغان مېلاتونىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى ئازىيىپ كېتىدىكەن.

  خيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتى كۆز ئوپتىكا ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار 17 ياشتىن 42 ياشقىچە بولغان 22 نەپەر پىدائىيلارغا ئىككى ھەپتىدە ھەر كۈنى كەچلىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى نورمال ئىشلەتكۈزگەن، لېكىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۈچ سائەت كۆك نۇرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆزەينەك تاقاتقۇزغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ھەر كەچلىكى ئۇ پىدائىيلارنىڭ مېلاتونىن سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەخمىنەن %58 ئاشقان، ئۆرلەش مىقتارى ھەتتا مېلاتونىن تولۇقلاش دورىسىنى ئىستېمال قىلىشتىن بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشتىنمۇ چوڭ بولغان. ئۇ پىدائىيلار ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلغان، تېخىمۇ تېز ئۇخلاپ، ئومۇمىي ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزارغان.

  تەتقىقاتچىلار شۇنداق دەيدۇكى: گەرچە كۆك نۇرنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى كۈن نۇرى بولسىمۇ، لېكىن LEDلىق لامپا ئاساسىدىكى كۆپ قىسىم ئۈسكۈنىلەرمۇ كۆك نۇر چىقىرىدۇ، «سۈنئىي كۆك نۇر» بولسا، مېلاتونىننى چەكلەش رولى بولغان ئىچكى يورۇقلۇققا سەزگۈر كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلاشقا دەخلى يېتىدۇ.

  تەتقىقات باشلامچىسى ۋە كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى لىسا ئوسترىن كىشىلەرگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئازراق ئىشلىتىشنى، ئەگەر چوقۇم ئىشلىتىش كېرەك بولسا، ئۈسكۈنىگە كۆك نۇر سۈزگۈچى ئەينەك ئورنىتىش ياكى كۆك نۇرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆزەينەك تاقاش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر