باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزماقتا

2017.08.10 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى.

  كېچە سائەت بىردە، جيۇجەيگۇدىكى يەر تەۋرىگەن جايلاردىكى قوراللىق ساقچى قاتناش قىسمى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئورنى كېچىلەپ يوللارنى جىددىي راۋانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ماشىنا جابدۇقلار بىلەن يوللارنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. قوراللىق ساقچى قاتناش قىسمىنىڭ قوماندانى، گېنېرال مايور فۇلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جيۇجەيگۇغا كىرىپ چىقىدىغان ئۈچ يولنىڭ ئىچىدىكى جيۇجەيگۇدىن خۇاڭلۇڭغا بارىدىغان يول ئېغىر بۇزۇلدى، نۇرغۇن جايلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى، ھەر بىر ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەرنى نۇرغۇن تاش، توپا قېزىپ تىندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىز قوش يۆنىلىش بويىچە قېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىككى كۈندە يولنى تۇتاشتۇرۇپ بولۇشقا كۈچ چىقىرىمىز. بىز ھازىر پىڭۋۇ ناھىيەسىدىن ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ يولغا چىقتۇق، بىر قىسمىمىز پىڭۋۇدىن بىۋاسىتە جيۇجەيگۇغا بارىمىز، بىر قىسىمىمىز پىڭۋۇدىن سۇڭپەن ناھىيەسىگە بېرىپ، جيۇجەيگۇ، خۇاڭلۇڭ يۆنىلىشلىرىدە ئىشلەيمىز، مۇشۇنداق قوش يۆنىلىش بويىچە ئىشلىسەك، ئۆگۈنلۈككە يولنى تېز سۈرئەتتە تۇتاشتۇرۇپ بولالايمىز.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم 3200 دىن ئارتۇق ئادەم ئاجرىتىپ، 300 گە يېقىن ماشىنا، جابدۇقنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندۇردى. غەربىي ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلىرى ئايروپىلان بىلەن سۈرەتكە تارتىپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ھاۋادىن چارلاش سۈرىتىگە ئېرىشتى؛ شىئەن سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى كۆزىتىش، تىزگىنلەش جىددىي لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، بەش يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمرىيىنى تەڭشەپ، ئاپەت بولغان جايلارنى توختىماستىن يىراقتىن سېزىش سۈرىتى ھاسىل قىلىپ تەكشۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغىچە، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئون مىڭغا يېقىن ئادەمنى تارقاقلاشتۇردى، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون ئابا شۆبىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى ۋېي لۇڭلىن مۇنداق دېدى: بىز سۇڭپەن ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىدىن جيۇخۇاڭ ئايرودۇرۇمىغىچە، 77-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق، ئاۋىياتسىيە بىرىگادىسىنىڭ ئايروپىلانلارنى 40 نەچچە قېتىم ئۇچۇرۇپ، 140 تىن ئارتۇق يارىدارنى يۆتكىشىگە ياردەملەشتۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر