باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا يولۇچىلار پويىزىدىن 40 پويىز يۈرۈشتىن توختىتىلدى، 21 پويىز كېچىكىپ يولغا چىقتى

2017.08.10 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىلىرى جىڭ پونكىتىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە. ئۈرۈمچى تۆمۈر يولى ئىدارسى تەمىنلىگەن سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھازىرغا قەدەر، يولۇچىلار پويىزىدىن 40 پويىز تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى ۋوگزالدا توختاپ قالدى، شۇ خىل پويىزدىن يەنە 21 پويىز كېچىكىپ يولغا چىقتى.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى 2 - دەرىجىلىك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇر مەلۇم قىلىش ۋە تەرتىپنى قوغداش خىزمىتىنى پائال ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ھەر قېتىملىق توختاپ قالغان پويىزدىكى يولۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلىقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتر ‐ تېلېفون ئىشلىرى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ خادىملىرىنى تەشكىللەپ، تۆمۈريولنىڭ تاقالغان بۆلەك لىنىيەسى، كۆۋرۈك سۈڭگۈچى ۋە سىگنال قاتارلىق ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، پويىزنىڭ نورمال قاتنىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈردى.

  بۇنىڭ تەسىرىدە، ھەرقايسى يولۇچىلار پويىزى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كېچىكىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارنى «شىنجاڭ تۆمۈر يول» ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار سۇپىسى، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى قاتارلىقلاردىكى ئۇقتۇرۇشلارغا ۋاقتىدا دىققەن قىلىپ، ياكى 12306 تورىغا چىقىپ ۋە 12306 خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سەپىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر