- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كۆكخوتتىكى ھەرمىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى
2017.08.10 14:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 9- ئاۋغۇست مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كۆكخوتتىكى ئاساسىي قاتلام، كارخانىلارغا بېرىپ،يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى شۇ يەردىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا يەتكۈزدى.
چېگرادىكى كۆك شەھەر كۆكخوت شەھىرى ھەممىلا يېرىگە «گۈزەل ئىچكى مۇڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى»،«ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىلەيمىز»دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ۋە لوزۇنكىلار ئېسىلغان بولۇپ، قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى. يۈ جېڭشېڭ 9-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يولداش ئۇلەنفۇ خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، پىشقەدەم ئىنقىلابچىنىڭ پارتىيە ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تارىخىي تۆھپىسىنى ئەسلىدى. قىممەتلىك ھۆججەت ماتېرىياللار، تارىخىي مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە سۈرەتلەرنى كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، يولداش ئۇلەنفۇنىڭ ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن قالتىس تۆھپىسى ۋە شانلىق ئىنقىلابىي تارىخىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ: خاتىرە سارايدا يولداش ئۇلەنفۇنىڭ قالتىس تۆھپىسى نامايەن قىلىنىپتۇ، يولداش ئۇلەنفۇنىڭ ئالىجاناپ روھى ۋە ئىسىل پەزىلىتىنى «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرايلى،دېدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر