باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«موزى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن بارلىق ئىلمىي نىشانلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى

جۇڭگو كۋانت ئالاقىسى ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

2017.08.10 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «موزى»ناملىق كۋانت ئىلمىي تەجرىبە قىلىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ بەلگىلەنگەن ئۈچ چوڭ نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى دۇنيا كۋانت ئالاقىسى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھاۋا بوشلۇقى ماسىشتاب كۋانت فىزىكىسى ئاساسىي مەسىلىسى بويىچە ئالدىنقى تەتقىقاتىنى تەكشۈرۈشكە پۇختا ئىلمىي ۋە تېخنىكا ئاساسىي سالغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسور پەن جيەنۋېي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلەشمە تەتقىقات كوللىكتىپى «موزى» ناملىق ئىلمىي تەجرىبە قىلىش سۈنئىي ھەمراھىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادا سۈنئىي ھەمراھدىن يەر يۈزىگە كۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچ تارقىتىش ۋە يەر يۈزىدىن كۋانتنى يوشۇرۇن شەكىلدە يەتكۈزۈشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەلقئارادا ئالدى بىلەن مىڭ كىلومېتىرلىق سۈنئىي ھەمراھ ۋە يەر ئارىسىدا كۋانتنى چىرماشتۇرۇپ تارقىتىش ۋە كۋانت دىنامىكىسىنىڭ دائىرىلىك بولماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئالىملىرىنىڭ «موزى»ناملىق كۋانت سۈنئىي ھەمراھى بىلەن بوشلۇق كۋانت فىزىكىسى تەتقىقاتىدىن سىرت ئىككى تۈردىكى زور بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر