- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئەنخۇي-خوتەن» ناملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى
2017.08.10 15:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
«ئەنخۇي-خوتەن» ناملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى.
ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن خوتەنگە بارىدىغان «ئەنخۇي-خوتەن» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 900 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى ئېلىپ، 8-ئاۋغۇست خېفېيدىن يولغا چىقىپ، غەربىي رايوندىكى 15 كۈنلۈك ساياھىتىنى باشلىدى. «ئەنخۇي-خوتەن» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان ئۆلكىلىرى بىر قەدەر كۆپ، مۇساپە ۋە ۋاقىت ئۇزۇن، ساياھەتچى سانى كۆپ بولۇپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئەڭ» نى ياراتتى.
«ئەنخۇي-خوتەن»ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىدىكى مۇھىم مەزمۇن. بۇ پويىز ئەنخۇيلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا بېرىش، شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى قولاي ساياھەت شەكلى بولۇپ قالماستىن، ئەنخۇي-شىنجاڭ ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئالماشتۇرۇش، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر