باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت جەڭچىسى بولىمەن

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت

2017.08.10 09:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن 1962- يىلى پەيزاۋات ناھىيەسىدە پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، كىچىكىمدىن تارتىپلا پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىپ، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدۇم. «كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ئۇقۇم كىچىكىمدىلا قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، مەن پارتىيە ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، كۆپرەك مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزدۇم. 14 ياش ۋاقتىمدا قەشقەردىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئادەتتىكى ئۇسسۇل ئارتىسلىقىدىن تەدرىجىي شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلىق ئورنىغا چىقتىم.

  1976- يىلى شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى(ھازىرقى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى)گە كىرىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيانقى 40 نەچچە يىلدا، بىر ئاددىي مەدەنىيەت- سەنئەت خىزمەتچىسى نۇقتىسىدىن پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى، ۋەتەننىڭ كۈندىن- كۈنگە گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم.

  شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلى داڭلىق، بۇ، پارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە گۈللەندۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭنىڭ مىللىي ناخشا- ئۇسسۇللىرى قايناق ھېسسىياتقا باي، شوخ بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاددىي- ساددا تۇرمۇشى، مىجەز- خۇلقى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەمما ئەل ئارىسىدىكى ناخشا- ئۇسسۇللارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئاسان ئىش ئەمەس. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت زور كۈچ بىلەن غەمخورلۇق قىلغاچقا، شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلىدا بۈگۈنكىدەك شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر 12 مۇقامى ب د ت نىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىندى، مەشرەپ ب د ت نىڭ جىددىي قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇلى دۆلەتتىن ھالقىپ دۇنياغا يۈزلەندى. بىز ئۇلۇغ پارتىيەمىزنىڭ مىللىي ناخشا- ئۇسسۇلىمىزغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەنلىكىگە، ئۇلۇغ پارتىيەمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە ئۇلارنى يېتىشتۈرگەنلىكىگە، ئۇلۇغ پارتىيەمىزنىڭ بىزنى قىممەت قارىشىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. مەن بىر ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، ۋىجدانىنى يوقاتقان بۇ مەلئۇنلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»، مەلئۇنلارنىڭ رەزىل قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان جىنايەتتۇر، ۋىجدانلىق ھەرقانداق كىشى بۇ مەلئۇنلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى تەستە قولغا كەلگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تەستە قولغا كەلگەن. شىنجاڭدا نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۈگۈنكىدەك شانلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. كىمكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، شۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؛ كىمكى پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، داغ تەگكۈزۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىكەن، شۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؛ كىمكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، شۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى شىنجاڭ بويىچە مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل، مەدەنىيەت- سەنئەت جەھەتتە ئەڭ خاسلىققا ئىگە ئورۇن بولۇپ، باشتىن- ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدۇ. بىز جەزمەن ناخشا- ئۇسسۇل، مەدەنىيەت- سەنئەتنى قورال قىلىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيۇن قويۇشنىڭ تۈرلۈك شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  بىز بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، جەزمەن پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، جەزمەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى ئېسىمىزدىن مەڭگۈ چىقارماي، ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، غەيرىي ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، تەشۋىق- تەربىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتكە ماسلىشىپ، تالاش- تارتىش قىلغانلارغا نەسىھەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شەھەر- يېزا تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بارلىق سۇيىقەستى، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي تارمار قىلىشىمىز كېرەك.

  ھازىر بىز ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «بارلىقىنى پارتىيە ۋە ۋەتەنگە ئاتىغان- ئاتىمىغانلىقىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرغان- قايتۇرمىغانلىقى» ۋە پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولغان- بولمىغانلىقىنى سىنايدىغان ھالقىلىق مەزگىل. ئۇيغۇر كادىر، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللىي رايونلاردىكى ياخشى كادىرلارغا قويغان «چوڭ ھەق- چوڭ ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش مەيدانى ئالاھىدە ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتى ئالاھىدە كەسكىن، ھەر مىللەت ئاممىنى سۆيۈش ھېسسىياتى ئالاھىدە سەمىمىي بولۇش كېرەك» دېگەن تەلەپكە ئاساسەن، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، يادرو ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. غايە- ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن بولغان چەك- چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىپ، سىياسىي جەھەتتە ئاڭلىق ھالدا «زېرەك» ئادەم بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر ۋاقىت بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىدە ئۇيغۇر كادىرلار ھالقىلىق پەيتتە «يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، جان تىكىپ ئېلىشىشىمىز كېرەك». مەن بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا تايانچلىق رولىمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرىمەن. ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ئارىسىدا مۇئەييەن تەسىر كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى بار. شۇڭا بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى تايانچلىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىش، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئورتاق يۇرت- ماكانىمىز، ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىزكېرەك. ئۇيغۇر ئاممىغا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  مەن شۇنىڭغا باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا «ئۈچ خىل كۈچ» جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە ھەرىكەت نىشانى قىلىپ، ئۇنىڭ قەتئىي سىياسىي مەيدانىنى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋرلىك ھېسسىياتىنى، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلىنى، سەمىمىي مىللىي روھىنى، ھەق- ناھەتنى ئېنىق ئايرىش ئۆلچىمىنى، خەلققە بولغان ساپ مۇھەببىتىنى ئۆگىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق زوراۋان- تېررورچىلارغا قارشى داۋاملىق قەتئىي كۈرەش قىلىمەن!

  ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن توسىمەن؛ مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىدىغان ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمەن ۋە راۋاجلاندۇرىمەن. ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولغان كۈرەش ئىرادەم، تېخىمۇ پۇختا بولغان خىزمەت ئىستىلىم ئارقىلىق كونكرېت خىزمەتكە ئاتلىنىمەن. كاللامنى ھەرۋاقىت سەگەك تۇتۇپ ۋە يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مۇتلەق سادىق بولۇپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش ھايات- ماماتلىق كۈرىشىدە ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر