باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پاك–دىيانەتلىك بولۇش ئائىلىدىن باشلانسۇن

2017.08.10 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پاك–دىيانەتلىك بولۇشنى ئائىلىدىن باشلاش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

  ئاينۇر ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا ‹‹پاك – دىيانەتلىك ئائىلە ئىستىلى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىدا دۇرۇس بولايلى›› دېگەن تېمىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك – دىيانەتلىك بولۇشىغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتى، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق 30 نەچچە ئورۇندىكى نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىدىن بولۇپ 60 كىشى قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقانلار يەنە ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك – دىيانەتلىك بولۇش تەربىيەسى بازىسى بولغان ئاپتونوم رايونلۇق 4 – تۈرمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلاردىن ئىبرەت ئالدى ھەم بۇ ھەقتىكى ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى پىكىر بايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تېخنىكىلىق رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى فېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەلىك سالاھىيىتىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئائىلىنىڭ ‹‹پاكلىق تېمى››نى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق دېدى: رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ‹‹پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش››نىڭ باشلامچىسى، قۇرغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇشىمىز، شەرەپنى، ئائىلىمىزنى، ئىش ئورنىمىزنى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، بىرلىكتە بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى غەيرەت ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، پاك ئائىلە ئىستىلىنى چىڭ ساقلاپ، ئەخلاققا، قانۇنغا، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئائىلە ئىستىلىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر رەنا قاسىم مۇنداق دېدى: رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت ئورنىمىزدا ياخشى رەھبەر بولۇش بىلەن بىللە، ئائىلىدە بالىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇشىمىز، سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ، ئائىلىمىزدىكىلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىلىرى ئائىلىنىڭ ‹‹پاكلىق تېمى››نى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. سۆھبەت يىغىنىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىلىرى پىكىر بايان قىلىپ، ئائىلىنىڭ چېرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنى توسۇشتىكى قىزىل سىزىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىدىن ۋاڭ ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۇرمۇشتا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنى، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە يۇقىرى ئۆلچەمنى قوغلىشىشىمىز، ساپ ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق، ئېرىمىز، ئۆزىمىز ۋە ئائىلىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم.

  شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى لايىھەلەش يۇرتىنىڭ خادىمى جاۋ ئەيچىن مۇنداق دېدى: ‹‹بىخەتەرلىك قاراۋۇللۇقى››نى ياخشى قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىغا ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى ۋە سۆيۈشنى تاپىلاپ، ئائىلىنى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر