باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلايلى

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئامىنە ۋارخان

2017.08.10 09:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دىنىي زاتلارنىڭ ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي مەيدانىمىزنى ئىپادىلەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم.

  بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى باشتىن- ئاخىر بارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىدىيەۋى قىبلىنەماسى، ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى قىلىشىمىز كېرەك. باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بارلىق خىزمەتتە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى چۆرىدەش، باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ- خەتەر ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، نورمال ھالەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كېڭىىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»نى ياخشى ئادا قىلىپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچ توپلاش، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ رول»نى جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايى، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، ئەزالار تەكلىپ بېرىش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىشنى دادىل سىناق قىلىپ، پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى چارە- تەدبىر كۆرسىتىشىمىز، ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئالاقە ئورناتقان مەسچىتلەرگە دائىم بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىشىمىز، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنىي ساھەدىكى ئەزالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، ئىجابىي ۋەز ئېيتىپ، تەپسىر قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ئائىت سۆز- ھەرىكەتلەرگە تەنقىد ۋە رەددىيە بېرىشكە، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا دائىم تەشكىللىشىمىز؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، ئۈلگە كۆرسەتكۈچى، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، قوغدىغۇچى بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنىڭ ياخشى «تەشۋىقاتچىسى» بولۇشىمىزكېرەك. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى، «بەشنى تونۇش»نى قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  بەشىنچىدىن، بىر نىيەتتە بولۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئاممىۋى قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى مەيداننى چىڭىتىپ، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»نى ياخشى قىلىش، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىشقا يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قاپتۇ دېگەندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشىمىز كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا، ئالاقە ئورناتقان نامرات يېزا- بازار، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، نامراتلارنى يۆلەش، ئەمىن ئۆي، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىك قاتارلىق «خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇشنى كېڭىشىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى، «مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «20 خەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارغا قويغان «ئۈچ ئالاھىدە بولۇش»ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇش، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش، سەمىمىي بولۇپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئىش قىلىش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز ئۈلگە، باشلامچى بولۇپ، «ئۈچ بىۋاسىتە»، «ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادىل، دۇرۇس، پاك- دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئىستىلدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر