خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈ يەنلىن، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى قوشئېرىق كەنتىنىڭ كومتېت ھويلىسى كۈلكە-چاقچاق شاد-خوراملىققا چۆمگەن ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىنىڭ قوشئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى ياشىنىپ قالغان ئانىلارنى يىغىپ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى.
ھەممە ئائىلىدىكى ياش قىزلار ئۆز ئانىسىنى يېتىلەپ كەنتنىڭ كومتېت ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى ھەمدە ئىنتايىن رەتلىك ھالدا تىزىلىپ ئولتۇردى، ياش قىزلار ئالدى بىلەن داسقا سۇ ئېلىپ ئانىلارنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويدى، ئاندىن يۇمران قوللىرىدا ئانىلارنىڭ بېشىنى ئۇۋۇلاپ، چېچىنى چىرايلىق قىلىپ تاراپ ئۆرۈپ قويدى. ئانىلار ۋە بالىلار ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئىنتايىن خوشال ھالدا مەشرەپلەرگە چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن، سورۇن يېڭى بىر قىياپەتكە كىردى، ھەمدە قىزغىن قاينام-تاشقىنلىق كەيپىياتىغا چۆمدى.
«خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەخمەت! بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇگۈن تۇيۇقسىز ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۇ پائالىيەتتىن شۇنچىلىك خوش بولدۇم، پارتىيەگە كۆپ رەخمەت!» 67 ياشلىق موماي رابىيە تۇرسۇن مۇنۇلارنى دېگەچ ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى تۆكتى.
رابىيە تۇرسۇننىڭ قىزى شىرىنگۈل تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزىدىغان پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن، ئادەتتە ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن، ئانامنىڭ پۇتىنىمۇ يۇيۇپ قويماپتىكەنمەن، چېچىنىمۇ تاراپ قويماپتىكەنمەن. بۈگۈن ئۆز قۇلۇم بىلەن ئانامنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ، چېچىنى چىرايلىق تاراپ قويۇپ، شۇنداق خوش بولدۇم. ئانام ماڭا بۇرۇن قانچلىك جاپا تارتقانلىقىنى، ھازىر بىزنىڭ شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىكەنلىكىمىزنى سۆلەپ بەردى، ھەمدە مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگشىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەڭگۇ پارتىيەگە مىننەتدار بولىشىمىزنى تەكىتلىدى.»
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى مۇنۇلارنى دېدى: «ھەممە ئائىلىدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، بالىلارنىڭ ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مۇشۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز بولسا، بالىلارنىڭ ئانىلارغا كۆپىرەك ھەمرا بولىشى، ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى، يۇرتىمىزدا ئالەم شۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىشى، بالىلارنىڭ پارتىيەگە مەڭگۇ ئەگىشىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۇرۇش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئۈچۈندۇر.» (ئاپتونوم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى قوشئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىن يۈ يەنلىن، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى