- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەيۋەننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئاپەت بولغان رايوندىن ھال سورىدى
2017.08.10 15:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: سىچۈەننىڭ ئابا زاڭزۇ-چاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئوخشىمىغان شەكىلدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ھال سورىدى. جۇڭگو گومىنداڭى مەركىزىي كومىتېتى ھال سوراپ تېلېگرامما يوللاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بالدۇرراق تاماملىشىنى تىلىدى. تەيۋەندىكى بەزى كارخانىلار پۇل، يېمەكلىك، ئەشيا ئىئانە قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللىدى. بىز ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر