باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ

2017.08.10 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى، ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچ سائەت سەككىزگىچە، جىڭدىكى يەر تەۋرەشتە 32 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ يارىسى ئېغىركەن. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 500 چېدىر، 500 قاتلىما كارۋات، 500 يۈرۈش يوتقان-كۆرپە، 500 جۇۋا، 1000 قول چىراغ قاتارلىق ئەشيارلارنى ئاپەت بولغان رايونغا جىددىي يۆتكىدى. يېشىل يول ئېچىلىپ، جىڭدىكى يەر تەۋرىگەن رايونغا تۇتىشىدىغان تاش يوللاردا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشىغان ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمىدى. ئېلېكتىر تارماقلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا توك سىم تارتىپ، چېدىرلاردا توك بولۇشقا ۋە ئاممىنىڭ توك قاچىشىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت بولغان رايونغا ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش، يەرلىكنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر