باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جيۇجەيگۇدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە

2017.08.10 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستى جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدە يەتتە بال تەۋرەپ، ھازىرغىچە 19 ئادەم قازا قىلدى، 263 ئادەم يارىلاندى. ئاپەت بولغان جايدىكى ئادەم قۇتقۇزۇش، ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

  تۈنۈگۈن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى ئارقىسىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، قوراللىق ساقچى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش قوشۇنى ئاپەت بولغان جايلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ قامىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ، خەتەر ئەھۋالىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېنىقلىدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچ سائەت ئالتىدىن 25 مىنۇت ئۆتكۈچە، يەر تەۋرەشتە 19 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ساياھەتچى، يەرلىك ئاممىدىن ئىككىسى بار ئىكەن، يەنە توققۇز ئادەمنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانماقتىكەن. يارىلانغان 263 ئادەمنىڭ ئونىنىڭ يارىسى ئېغىر، ئۈچىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 253 ئادەمنىڭ يارىسى يېنىك ئىكەن. نۆۋەتتە يارىدارلار مۇۋاپىق داۋالىتىلماقتىكەن.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغان جيۇجەيگۇدا نۇرغۇن ساياھەتچى تۇرۇپ قالدى، يەرلىك ئورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلەرنى جىددىي، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇردى، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئابا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئابا ئوبلاستلىق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ليۇ زومىڭ مۇنداق دېدى: 9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىنگىچە، ميەنياڭ ۋە ۋېنشيەن يۆنىلىشلىرى بويىچە سەككىز مىڭدىن ئارتۇق ساياھەت ماشىنىسى ئارقىلىق، 60 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى ۋە سىرتتىن كەلگەن بىر قىسىم ئىشلەمچىلەرنى يۆتكىدۇق، كۆپ قىسىم ساياھەتچى جيۇجەيگۇدىن بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇلدى. بىز يەنە مىنۇت، سېكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي، ئېشىپ قالغان ساياھەتچىلەرنى ئىلمىي، تەرتىپلىك يۆتكەشكە تېرىشىۋاتىمىز ھەم داۋالاپ قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ پىكرى بويىچە، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان ئېغىر يارىدارلارنى شارائىتى تېخىمۇ ياخشى جايلار ياكى مەركىزىي شەھەر چېڭدۇغا يۆتكەپ داۋالايمىز.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە جيۇجەيگۇ ناھىيەسىدىكى 17 يېزا-بازارنىڭ ئۆيلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، نۆۋەتتە ناھىيە بازىرىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش سىگنالى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.

  بۇندىن باشقا، جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاپەت بولغان جايغا يېتىپ بېرىپ، يەر تەۋرەش مەركىزىدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇاڭ چيەنجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتىمىز 80 قۇتقۇزۇش خادىمى، بەش ئىزدەش ئاپشاركىسىنى ئىشقا سالدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرا ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 82-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بىرىگادىسى، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم باش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن، بىز بىر قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرى ماشىنىسىنى ئىشقا سالدۇق، ئۇنىڭغا تەكشۈرۈش، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى 378 يۈرۈش قۇتقۇزۇش ئەسۋابى قاچىلانغان، يەنە بىر قىسىم ئەسۋابلار ۋە ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى ئەشيالىرىنىمۇ ئېلىپ كەلدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر